مەخپىي نومۇر كىرگۈزمەيمۇ چىقىم قىلغىلى بولىدۇ، چىقىمداننى يەنە بىخەتەر دېيەلەمسىز؟

ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىقىمدان (支付宝) ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن، ئەمما چىقىمداندا باشقىلارغا پۇل يۆتكىگەندە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەيمۇ مەشغۇلاتنى تاماملىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

بۈگۈن بىز چىقىمداندا مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەيمۇ چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ئالدى بىلەن بىز نورمال ھالدا پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىمىز (مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈشكىچە بولغان قەدەم-باسقۇچ ئۆزگەرمەيدۇ).

ئەمدى چىقىم قىلىشقا كەلگەندە «مەخپىي نومۇرنى ئىشلىتىش» (使用密码)نى تاللايمىز ھەمدە خالىغانچە قالايمىقان ساندىن ئالتە دانە كىرگۈزىمىز. بۇ ۋاقىتتا «مەخپىي نومۇرىڭىز خاتا» دەپ ئەسكەرتىدۇ ھەمدە مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ ئاستىدا «مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟» (忘记密码) دېگەن ئەسكەرتىش چىقىدۇ. بۇ خەتنى چەككەندىن كېيىن «چىراي تونۇتۇپ دەلىللەڭ» (使用刷脸进行身份验证) دەپ ئەسكەرتىدۇ. بىز «باشقا دەلىللەش ھالىتى» (其他验证方式) دېگەننى تاللايمىز.

ئەمدى ھالقىلىق يەرگە كەلدۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكەت خاتىرىمىز ئارقىلىق سالاھىيەت دەلىللەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمىز. ئادەتتە بىز بېرىپ باققان ئۆلكە شەھەر، يانفونىمىزغا ئۇلاپ باققان سىمسىز تور (WiFi) قاتارلىق سوئاللار ئارقىلىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەممىسىگە توغرا جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن «سالاھىيەت دەلىللەش تاماملاندى، مەشغۇلاتنى جەزملەشتۈرۈڭ» دەپ ئەسكەرتىدۇ. «چىقىم قىلىشنى جەزملەشتۈرۈش» (确认支付)نى چېكىمىز.

شۇنىڭ بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەيمۇ چىقىم قىلىش تاماملاندى دېگەن گەپ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چوقۇم چىقىمدانغا باغلانغان يانفون نومۇرى ئۇچۇر قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك (بىر پارچە دەلىللەش كودى تاپشۇرۇۋالىمىز).

ئەمەلىيەتتە بۇ ئىقتىدار پەقەت چىقىمداننىڭ پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان. لېكىن ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشمۇ تەسكە چۈشۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چىقىمداننىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپى بەكلا تۆۋەن بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ئاددىيسى بۇ مەشغۇلاتتا تەلەپ قىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەمىسى بىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتراپىمىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىمىز ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىرەرسى يانفونىڭىزنى ئېلىۋېلىپ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پۇلىڭىزنى ئېلىۋالسا سىز كىمنىڭ قىلغىنىنىمۇ بىلەلمەيسىز (كاللىسى نورمال ئادەم بولسىلا بىۋاسىتە ئۆزىگە پۇل يۆتكىمەيدىغۇ دەيمەن).

شۇڭا بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياخشى قوغداڭ، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئامال بار باشقىلارغا ئارىيەت بەرمەڭ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ.

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئىنكاس يېزىش